ساقلاپ تۇرۇڭ
تهقدىم
ئاللاھ تهئالاغا ھهمدۇ-سانا، بهرگهن نېمهت، ياخشىلىقلىرىغا، چهكسىز شۈكۈرلىرىمىز بولسۇن. ئۇنىڭ سۆيۈملۈك پهيغهمبىرى، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ گۈزىلى، ئهڭ ياخشىسى، ئهڭ ئۈستۈنى بولغان مۇھهممهد ئهلهيھىسسالامغا، ئۇنىڭ گۈزهل يۈزىنى كۆرۈش، پايدىلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاش بىلهن شهرهپلهنگهن، ئىنسانلارنىڭ ئهڭ ھۆرمهتلىكى بولغان ئهسھابىلىرىغا، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلارغا دۇئا ۋه سالاملىرىمىز بولسۇن.
تارىختا «جاھىلىيهت دهۋرى» دېگهن بىر دهۋر بولغان. بۇ دهۋىرده ئهرهپ يېرىم ئارىلىدا ئىنسانلار بۇتلارغا چوقۇناتتى، داۋاملىق ھاراق ئىچهتتى، قىمار ئوينايتتى. كۈچلۈك بولغانلار ھهقلىق ھېسابلىناتتى، ئاياللار تىجارهت مېلىغا ئوخشاش ئېلىپ- سېتىلاتتى، قىز بوۋاقلار تىرىك كۆمۈلهتتى. ئهرهپ يىرىم ئارىلىدىلا ئهمهس پۈتۈن دۇنيا جاھالهت قاراڭغۇلىقىدا قالغان ئىدى. ئاسىيا، ئافرىقا ۋه ياۋرۇپامۇ بۇ ئهھۋاللاردىن ئانچه پهرقلهنمهيتتى. لېكىن بۇ ئهھۋاللاردىن بىئارام بولغان ئهقلى-ھۇشى جايىدا ئىنسانلار ئاز بولسىمۇ بار ئىدى. بۇ ئىنسانلار ئاللاھ تهئالاغا بۇ قاراڭغۇ-زۇلمهت كۈنلىرىنىڭ بالدۇراق ئاياغلىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ يالۋۇراتتى.
ئاللاھ تهئالا ئوخشاش بولمىغان دهۋىرلهرده ئوخشاش بولمىغان قهۋملهرگه پهيغهمبهر ئهۋهتكىنىدهك، ئاخىرقى نهبى ۋه رهسۇل بولغان مۇھهممهد ئهلهيھىسسالامنىمۇ بۇ زۇلمهتتىن ھىدايهتكه چىقىرىش ئۈچۈن ئاخىرقى پهيغهمبهر قىلىپ تهيىنلىدى.
ئاللاھ تهئالا، بىزگه مهرھهمهت قىلش بىلهن بىرگه، ئۇنىڭغا ئۇممهت قىلىپ، نېمهتلهرنىڭ ئهڭ بۈيۈكىگه ئېرىشتۈردى. ئۇنىڭغا چىڭ يېپىشىپ، ئىتائهت قىلىشمىزنى بۇيرۇدى. ئاللاھ تهئالانىڭ بۇ رهھمىتى ئۈچۈن قانچىلىك ھهمدۇسانا ۋه شۈكۈر قىلساق ئازلىق قىلىدۇ.
ئهھلى سۈننهتنىڭ قارىشىچه: "ھهر پهيغهمبهر ئۆز زامانى، ئۆز ماكانى ۋه ئۆز قهۋمىده، قهۋمىدىكى پۈتۈن ئىنسانلاردىن ئۈستۈندۇر. مۇھهممهد ئهلهيھىسسالام ھهر ۋاقىت، ھهر يهرده، دۇنيانىڭ يارىتىلىش كۈنىدىن قىيامهتكىچه كهلگهن ۋه كېلىدىغان پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ئهڭ ئۈستۈنىدۇر. ھهر قانداق بىر ئىنسان ھهر قانداق تهرهپتىن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن بولالمايدۇ."
ئاللاھ تهئالا مهۋجۇداتنى يارىتىشتىن بورۇن مۇھهممهد ئهلهيھىسسالامنىڭ مۇبارهك نۇرىنى ياراتتى. قۇرئانى-كهرىمده پهيغهمبهر ئهلهيھىسسالامغا خىتاپ قىلىپ: «سېنى ئالهملهرگه رهھمهت قىلىپ ئهۋهتتۇق» دېيىلگهن. ھهدىسى قۇدىسىده: «سهن بولمىغان بولساڭ، كائىناتنى ياراتمىغان بولاتتىم» دېگهن.
ئىماننىڭ ئهسلى شهرتى: «نېمىنى ياخشى كۆرۈش، نېمىنى ياخشى كۆرمهسلىكتۇر» يهنى ئاللاھ تهئالانىڭ دوسىتلىرىنى ياخشى كۆرۈپ، دۈشمهنلىرىنى ياخشى كۆرمهسلىكتۇر. بۇنىڭسىز ھېچقانداق ئىبادهت قوبۇل بولمايدۇ. بۇ سهۋهپتىن «ئالهملهرنىڭ خوجىسى»نى سۆيۈشىمىز، ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى قهلبىمىزگه ئورۇنلاشتۇرىشىمىز، ئۇنىڭ گۈزهل ئهخلاقى بىلهن ئهخلاقلىنىشىمىز پهرزدۇر. بۇ سۆيگۈنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، ئهسىرلهردىن بۇيان پهيغهمبهر ئهلهيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى بايان قىلغان كىتابلار يېزىلدى، كۈنىمىزگىچه يېزىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى قهلبىمىزگه تولدۇرۇش ئۈچۈن ئهھلى سۈننهت ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرنى ئىنچىكه تهتقىق قىلش ئارقىلق كائىناتنىڭ سۇلتانى پهيغهمبهر ئهلهيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى يېزىشقا تىرشتۇق.
ئاللاھ تهئالا قهلبىمىزنى مۇھهممهد ئهلهيھىسسالامنىڭ سۆيگۈسى بىلهن تولدۇرۇپ، بىزنى ئهھلى سۈننهت ئالىملىرى كۆرسهتكهن توغرا يولغا باشلىغاي! ئامىن.
پروفېسسور دوكتور رامازان ئايۋاللى
پىكىر-تەكلىپلىرىڭىز بىز ئۈچۈن قىممەتلىك ، بىز ھەر ۋاقىت سىزگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىمىز.
ئەگەر بىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان پىكىر ، تەكلىپ ياكى ئەرز بولسا ، مۇناسىپ «ئالاقىلىشىش جەدۋىلى» نى تولدۇرۇپ بىزگە ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ. دوكلاتىڭىزنى بالدۇرراق باھالايمىز ۋە سىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز.
ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىمىزدا بىزگە ئەگىشىڭ ۋە ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.